• زوراۋان ئايال
    تەۋسىيە
    كۆرۈش

    زوراۋان ئايال (1994)

    ئىنگىلىزچە ئىسمى :

    Laadla

    7.6

    (ئاۋاتلىقى 3483 ئادەم / قېتىم)

    فىلىم رىجىسورى :

    Raj Kanwar

    ئاساسلىق ئارتىسلار :

    Anil / Kapoor / Sridevi / Anupam / Kher / Shakti / Kapoor /

    فىلىم تۈرى :

    ۋەقەلىك/مۇھاببەت/

    دۆلەت تەۋەلىكى :

    ھىندىستان/

    فىلىم تىلى :

    ئۇيغۇرچە

    فىلىم ئۇزۇنلىقى :

    مىنۇت

    قويۇلغان ۋاقتى :

    1994 - يىلى (ھىندىستان)

    باشقا ئىسىملىرى :

    / Laadla

    دوۋبەن ID :

    3197053

    تەپسىلاتى :

    ياش، كېلىشكەن دېڭ لەن خېنىم تالانتلىق، تىجارەتتە تەدبىرلىك بولۇپ، تۆمۈر قاچا ۋاسىتىسى ئارقىلىق دادىسى نارايائېننىڭ ئەسلىدىكى تىجارىتى ياخشى بولماي، تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر شىركىتىنى بىردىنلا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان
7.6
باھا نومۇرى
  • 很差
  • 较差
  • 还行
  • 推荐
  • 力荐
7.6 0 قېتىم
给影片打分 《زوراۋان ئايال 》
  • تايىنى يوق
  • سەل تايىنى يوق
  • يامان ئەمەس
  • بولىدىكەن
  • ئالامەتكەن
مەنمۇ باھالايمەن

ئۈندىداردا سىكانىرلاپ كۆرۈڭ

فىلىم تەپسىلاتى

ياش، كېلىشكەن دېڭ لەن خېنىم تالانتلىق، تىجارەتتە تەدبىرلىك بولۇپ، تۆمۈر قاچا ۋاسىتىسى ئارقىلىق دادىسى نارايائېننىڭ ئەسلىدىكى تىجارىتى ياخشى بولماي، تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر شىركىتىنى بىردىنلا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقەتچىلىك شىركىتىگە ئايلاندۇرغان، ئۇنىڭ ئەۋزەل ئىجتىمائىي ئورنى ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئۆكتەملىك قىلىپ كىشىنى بىزار قىلغان. ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئۇ كارخانا خىزمەتچىلىرىگە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان بولۇپ، تىپىك« ۋۇ زېتيەن تىپىدىكى ئايال كۈچلۈك ئادەم، شۇنداقلا ئۇچىغا چىققان ئاياللار ھوقۇقى تەرەپدارى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى، ئۆز ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئەركە چوڭ بولغان قىزىنى ياخشى كۆرەتتى ھەم قورقاتتى. بولۇپمۇ توي قىلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقان قىزىنىڭ توي ئىشى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان.ئۇ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، تالانتلىق ھەم چىرايلىق دەپ قاراپ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئەرنىڭ ئۇنىڭغا لايىق كېلىدىغان ۋە ئۇنى باشقۇرىدىغان سالاھىيىتى بولمايدۇ، پەقەت تەڭرى ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق ئىقتىدارلىق ئادەمنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ تۇغۇلغان ئەر بولمىسىلا، دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ سودىدىكى رىقابەتچىسى قۇدىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانىسىنى يۇتۇۋالماقچى بولغان، نەتىجىدە ئۇ توي تەلىپىنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا رەھىمسىزلەرچە پاش قىلغان ھەمدە زىتىغا تەگكەن ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان. قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، ئەدەپسىزلىكىگە كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، كېيىنكى بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزىنى يوشۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۇنى دائىم باشقىلار بىلەن بولغان ئاۋارىچىلىككە سالاتتى، بۇ قېتىم ئۇ يەنە ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئەر باش قەھرىمان راجۇ ۋارما بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. بىراق، تەڭرى چوڭ بىر چاقچاق قىلغاندەك قىلاتتى، نەتىجىدە لاجۇ خاتا ھالدا ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە، قول ئاستىدىكىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل لاجۇ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە ئۇنىڭ تالاش ـ تارتىشىدا تۇردى، غەزەپتىن ئېسەنكىرەپ قالغان شى دېڭلەن خېنىم جاھىللىق بىلەن بۇ لاجۇ ئىسىملىك ياش ئىشچى ئۇنىڭ بىلەن قەستەن قارشىلاشتى، دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەشەددىي رەقىبى دەپ قارىدى ھەم بەدەل تۆلەشكە قارىماي، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى بويسۇندۇردى ھەم ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدى، ھەتتا يالغاندىن توي قىلىش نىيىتىدىن يانماي، پۇرسەت كۈتۈپ، ئائىلە ئارقىلىق ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى. راجۇ ۋارما ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھاقارەتلىرىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.قايتا ـ قايتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان شى دېڭلەن ئاخىر ئەقلىنى يوقىتىپ، چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن خۇددى قازان قاينىتىۋەتكەندەك بۇ ئائىلە ئاخىر چاك ـ چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى. ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ئۇنىڭ ئەسەبىي ھەرىكىتى بارلىق يېقىنلىرىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى.ياماننى يالغۇز يۇتقان شى دېڭلەن قانداقلا بولمىسۇن ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، بىر مەھەل ئەسەبىيلەرچە ئېسەنگىرەپ كەتكەن شى دېڭلەن شۇندىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدى. ئەمما پۇشايمان كېچىككەن بولۇپ، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئالغان ئەخلاق قەرزى ئۈچۈن پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم پەسكەشلەرنىڭ يوشۇرۇن قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، ھەممىنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان ئۇ يار-يۆلەكسىز قالدى. ئۇ« يەر چاققان ئەمەس، يەر چاققان ئەمەس» دەپ ئويلاۋاتقاندا، لاجۇ يەنە بىر قېتىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇتقۇزۇۋالدى.ئۇ ئاخىرى بىر ئادەتتىكى ئايالنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مۇلايىم، پەزىلەتلىك تەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. [ بولدى ]

«زوراۋان ئايال » نىڭ فىلىم ئادرېسى

ئەسكەرتىش : فىلىم ئادرېسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېكىتىمىزدىن ئالاھىدە ئەزالىق ئاچقۇزىشىڭىز كېرەك،ئەگەردە سىز پەقەت فىلىم ئۇچۇرىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئەزالىق ئاچقۇزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

فىلىم رەسىملىرى : تېخىمۇ كۆپ رەسىملىرى
  • تىك رەسىم

  • مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر

    7.9
    تولۇق قىسمى
    2021 كىنولار
    ئاۋات
    فانتازىيەلىك
    7.7
    تولۇق قىسمى
    1997 كىنولار
    ئاۋات
    كومىدىيەلىك,فانتازىيەلىك
    6.8
    تولۇق قىسمى
    2021 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك,فانتازىيەلىك
    8.4
    تولۇق قىسمى
    2021 كىنولار
    ئاۋات
    فانتازىيەلىك
    6.7
    تولۇق قىسمى
    2021 كىنولار
    ھەركەتلىك
    6.3
    تولۇق قىسمى
    2021 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك,فانتازىيەلىك
    5.9
    تولۇق قىسمى
    2017 كىنولار
    كومىدىيەلىك,ھەركەتلىك
    8.0
    تولۇق قىسمى
    2021 كىنولار
    ئاۋات
    قورقونۇشلۇق,ھەركەتلىك,فانتازىيەلىك
    6.1
    تولۇق قىسمى
    2018 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك
    5.3
    تولۇق قىسمى
    2016 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك
    8.1
    تولۇق قىسمى
    1957 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك,ئۇرۇش
    9.8
    3-قىسىمغىچە يېڭىلاندى
    2011 كىنولار
    ئاۋات
    تارىخ
    8.1
    2-قىسىمغىچە يېڭىلاندى
    2021 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك
    6.0
    تولۇق قىسمى
    2019 كىنولار
    ئاۋات
    ھەركەتلىك