فىلادېلفىيە شەھىرىدە ھېچقانداق بېشارەت بېرىلمىگەن بىر جىمجىت سەھەر، ب د ت نىڭ سابىق تەكشۈرگۈچىسى گارىي راين (بۇراد پىت Brad Pitt) ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئايالى كەيلۇن (مىرېي ئىنوس Mireille Enos) ۋە ئىككى قىزى رېچېل (Abigail Hargrove) ، كوننى (Sterling Jerins) نى ئېلىپ سىرتقا چىققان. كىم بىلسۇن، ئەسلىدىكى خۇشال كەيپىيات ناھايىتى تېزلا ۋەھىمە ۋە ئۆلۈمنىڭ ئورنىنى ئالدى، زەنجىرسىمان پارتلاش، قورقۇپ قېچىپ كەتكەن كىشىلەر توپى، تەرتىپسىز قاتناش ۋەقەلىرى ۋە باشقىلارنىڭ جەسىتىنى غاجىلاش، ئاۋات چوڭ شەھەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىب بولدى. گەيرۈي نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ خوتۇن ـ بالىلىرىنى ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلدى، ئەڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تۇرۇشلۇق ئاۋىياماتكىغا قېچىپ باردى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، جەسەت ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراۋاتقانلىقىنى بىلدى. دۇنيانىڭ ھالاك بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن، گېرى ئىلاجسىز بۇيرۇققا بىنائەن خارۋاردتىن كەلگەن ۋىرۇسشۇناسلىق دوكتورى فاسباك (Elyes Gabel) بىلەن ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولغان جايغا بېرىپ كىرىزىسنى تۈگىتىش چارىسىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى.بۇ بىر مەيدان پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۈمىد يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازاب ـ ئوقۇبەتكە تولغان مۇساپە بولۇپ، دۇنيانىڭ تەقدىرى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا...
[ بولدى ]