كىچىك قىزچاق شياۋمى (جىنسەيلۇن) نىڭ يېنىدىكى گۆرۈخانا تاغا (يۈەنبىن) نىڭ سودىسى بولغاندىن سىرت، قوشنىلار بىلەن ئەزەلدىن باردى-كەلدى قىلمىغان، چۈشكۈن شەكىل ۋە سۈكۈت خاراكتېرى كىشىلەرنى ئۇنىڭ سالاھىيىتىدىن نۇرغۇن گۇمانغا سالدى. سەبىي شياۋمى ئەزەلدىن بۇنداق مىش-مىش گەپلەرگە پەرۋا قىلمايتتى، دائىم بۇ سىرلىق قوشنىسىنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇ ئىككىسىنى ئاستا-ئاستا دوست قىلىپ قوياتتى. شياۋمىنىڭ ئاپىسى قارا گۇرۇھنىڭ زەھەر بۇلىشىغا چېتىلىپ قېلىپ، ئاخىرى ئۆزى بىلەن شياۋمىنى خەتەرگە دۇچار قىلدى. شياۋمى بىلەن ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن داڭپۇ تاغا شياۋمى بىلەن ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قارا يول بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ساقچىلارمۇ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى، گۆرۈخانا تاغا يۈەن تەيشىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. پۇلغا يارايدىغان بارلىق ئەزالىرى ئېلىۋېتىلگەن شياۋمى ئانىنىڭ جەسىتى بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقىدا بايقالدى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە يوقاپ كەتكەن شياۋمىنىڭ يەنىلا ئىز ـ دېرىكى بولمايدۇ...« ساياھەتچى» فىلىمىدە« جېن شى» نىڭ رولىنى ئالغان لولىجىن سەيلۇن بىلەن چۈشكۈن شەكىلدىكى« فىگۇرا چىقىرىپ ياسانغان كېلىشكەن يىگىت» يۈەن بىن بىرلىكتە تەييارلىغان كورېيەچە« بۇ قاتىل ئانچە سوغۇق ئەمەس» ناملىق فىلىم 2010-يىلى كورېيەدە ئەڭ بازار تاپقان كىنو بولۇپ قالدى.
[ بولدى ]